جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
2026-10-15 15:46:55
شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
لى چياڭ سۆز قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى
10 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى 2035 - يىلىغا بارغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
لى چياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى. جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى بېكىتىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتىن ئىبارەت زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىنى چىقىرىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى، ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورا سىستېمىسى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى، داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز قۇرۇپ چىقماقچى بولغان ساغلام جۇڭگو تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ساغلام جۇڭگو، كۈچلۈك ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىقتىدارى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى، داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تىرەكلىك ئىقتىدارى، تېببىي دورا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ساغلاملىق ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرالايدىغان بولۇشى، ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچلىرى سىجىل، مۇقىم ئاشقان بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى ئومۇملۇق، ئۇللۇق رولغا ئىگە، جەزمەن ساغلاملىقنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇش كېرەك. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تۈرلۈك سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈپ، يىرىك پىلان تۈزۈش، سىياسەت لايىھەلەش، تۈرلەرنى دەلىللەش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالدىنى ئېلىش ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق تەدبىرى، سەھىيە ۋە ساغلاملىققا دائىر تۈرلۈك ئۇللۇق، مەنبە خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتنى توغرا ساغلاملىق قارىشى تۇرغۇزۇشقا، ئۈنۈملۈك بولغان ساغلاملىقنى ئۆزى يارىتىش ۋە باشقۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەرنى ياخشى بولغان ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساغلام ئىستىراھەتكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش كېرەك. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆلەملىك يۇقۇم يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشتىكى بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە. داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بويىچە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان، ياخشى داۋالىنالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باشقۇرۇش بويىچە پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنىڭ ماس يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئاساس تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلاملىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك. داۋالىنىش تەسىراتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئامما كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتىكى قولايلىق دەرىجىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات − سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىگەرلىكنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. داۋالاش - ساقلىق ساقلاش كەسپىي ئورۇنلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقنى يېتەكچى قىلىپ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيە - رايون، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دورا خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ۋە مەبلەغ ئىشلىتىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، فوندنى بىخەتەر يۈرۈشتۈرۈش، دوختۇرخانىنى ياخشى يۈرۈشتۈرۈش، ئاممىنىڭ يۈكىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دورا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورا سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا سەھىيە ۋە ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلار ۋە داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»نى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈك سەپلەپ، سانى يېتەرلىك، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى ياخشى بولغان تېببىي خادىملار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياخشى كەسىپ كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەممە ئادەم ساغلاملىقتىن بەھرىمەن بولۇش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدىكى زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ساغلاملىق بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سەھىيە ئارقىلىق چەت ئەلگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ساغلام جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەش كېرەك.
لى چياڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىدىكى بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش؛ ساغلاملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئاساسىي داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ئاساسىنى پۇختىلاش؛ ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان ساغلاملىق ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدىكى ئاغرىق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش تەسىراتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، «ياشانغانلار، بالىلار» ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تېببىي دورا، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، بىر قىسىم مەركەز كارخانىلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
责任编辑:阿孜古丽·莫明