جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭايلى

  2026-10-15 15:46:12

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى.

10 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ كەڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمەتچىلىرىنى يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ پۇختا ئالغا بېسىشقا كۈچلۈك سەپەرۋەر قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىن بۇيانقى دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىدىكى تۈپ خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك بىر قاتار مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ ھەممىمىزگە ئايان، شۇنداقلا ھەقىقىي تەسىراتقا ئىگە بولدۇق.

يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە نەزەر سالايلى.

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا تۇنجى قېتىم «ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا «ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلۈش، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش 2035 - يىلىغىچە بولغان دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي نىشانىغا كىرگۈزۈلۈشكىچە؛ «‹ساغلام جۇڭگو 2030› يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نىڭ بېسىپ تارقىتىلىشىدىن ئاساسىي داۋالىنىش - ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ئېلان قىلىنىشقىچە...

پارتىيەنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، خىزمەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش بىزگە سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەتتى.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداشتىن ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشقىچە...

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ قىممىتى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتىكى قىممەت مەۋقەسىنى جانلىق ئىزاھلىدى.

كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا نەزەر سالايلى.

بىر قاتار قاتتىق يادرولۇق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچلىرى ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق سەۋىيەسىنىڭ ھالقىما يۈكسەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

2025 - يىلى، دۆلىتىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى ئۇزىراپ 79.25 ياشقا يەتتى، ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك ۋە نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا مۇقىم تۇردى؛

بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ ‰3.8كە چۈشتى، ھامىلىدارلار - تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ 100 مىڭ /13.4كە چۈشۈپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئانا - بالىلار ساغلاملىقى بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى؛

بۈگۈنكى جۇڭگودا، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى، ئەنئەنىۋى تېبابەت دورا سىستېمىسى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى، داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇلدى.

ئاساسىي داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بولۇشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا بىر تەرەپ قىلىندى؛ ئاساسىي قاتلام مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، بايلىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇندى؛ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى يۇغۇرۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە سېپى پۇختىلاندى؛ تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى سىجىل ئىسلاھ قىلىنىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇندى...

دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلدى.

دۇنياۋى تەسىرىگە نەزەر سالايلى.

ھەممە ئادەم ساغلاملىقتىن بەھرىمەن بولۇش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى.

كونگو (كىنشاسا)دا، جۇڭگو داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسى بىرىنچى ۋاقىتتا ياردەم بېرىپ، ئېبولا يۇقۇمىغا ئورتاق تاقابىل تۇردى؛ مالىنىڭ پايتەختى باماكودا، دۇنيا بويىچە تۇنجى جۇڭيى تېبابىتى تېخنىكىسى لۇبەن ھۈنەرخانىسى شۇ جايدىكى جۇڭيى تېبابىتى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ قوشتى...

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز 59 دۆلەت (رايون)كە چەت ئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتتى، 43 دۆلەت (رايون)تىكى 49 دوختۇرخانا بىلەن نىشانلىق دوختۇرخانا ھەمكارلىقى مۇناسىۋىتى ئورناتتى، 29 كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم مەركىزىنى ئورتاق قۇردى.

دۇنياۋى سەھىيەنى ئىدارە قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭلىگە پۈكۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلەش»تىن ئىبارەت چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئىلگىرىلەشلەر يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك.

«بىز قۇرۇپ چىقماقچى بولغان ساغلام جۇڭگو تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ساغلام جۇڭگو»، «15 - بەش يىل» مەزگىلى ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساغلاملىق ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

قەرەلىدە ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغۋار ئارزۇنى بىرلىكتە گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى. 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

责任编辑:阿孜古丽·莫明