خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش

  2026-10-15 15:42:37

− باش شۇجى شى جىنپىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى  

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«ساغلاملىق ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي شەرتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى.»

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى بېكىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىيات يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ «ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ساغلاملىق ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملىدى.

ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ساغلاملىق ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى

«قانچىڭلار كۆزەينەك تاقايسىلەر؟» «تەنتەربىيە چېنىقىش ۋاقتىڭلار كاپالەتكە ئىگىمۇ؟» بۇ يىل 3 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، بېيجىڭ 4 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ شيۇڭئەن مەكتەپ رايونىدىكى دەرسخانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەپسىلىي سورىغان سوئاللىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

خەلقنىڭ ساغلاملىقى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن زىچ باغلاپ، خەلقنى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى بىلەن مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ تومۇرىنى ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى بىلەن شەخسنىڭ تەرەققىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ دىيالېكتىكىلىق لوگىكىسىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

«خەلقنىڭ ساغلاملىقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى.»

«خەلقنىڭ ساغلاملىقى ھەم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، ھەم ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلە.»

«ساغلام خەلققە ئىگە بولۇش تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.»

«ساغلاملىق 1، باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى كەينىدىكى 0دۇر. 1 بولمىسا، ھېچنېمە قالمايدۇ.»

…

مەۋقە دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇلغان، دەۋر تېمىسىغا دەل جايىدا جاۋاب بېرىدىغان بىر قاتار مۇھىم ھۆكۈملەر يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى نەزەرىيە رامكىسىنى سىستېمىلىق بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىش ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلىدى، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلىدى.

2015 ـ يىلى، پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا «ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلق ساغلاملىقىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى نىشانلاندى؛

2016 ـ يىلى مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنى بېكىتىلىپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنىڭ كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشتىن خەلق ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگىرىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئارقىدىن «‹ساغلام جۇڭگو 2030› يىرىك پىلان پىروگراممىسى» بېسىپ تارقىتىلىپ، ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىلدى؛

2017 ـ يىلى، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدا «ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق ئورنى بېكىتىلدى؛

2019 ـ يىلى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 38 ـ نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ـ ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى ئېلان قىلدى، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدە تۇنجى ئۇللۇق، ئۇنىۋېرسال قانۇن بار بولدى؛

2020 ـ يىلى، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا 2035 ـ يىلىغا بارغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛

2022 ـ يىلى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش 2035 ـ يىلىغىچە بولغان دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي نىشانىغا كىرگۈزۈلدى؛

2024 ـ يىلى، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ساغلاملىق ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى...

ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن سىستېما بەرپا قىلىشقىچە، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش قاتلاممۇقاتلام تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلدى، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى تەنتەنىلىك ۋەدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك ئۇلۇغۋار پىلانغا ھەر تەرەپلىمە سىڭدۈرۈلدى.

تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە سىجىل ھۇجۇم قىلىشتىن ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكىچە؛ ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىدا «كېسەللىك يىلتىزى»نىڭ «نامراتلىق يىلتىزى»غا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە... يىراق كەلگۈسى پىلانلاندى، كۆز ئالدىدىكى ئىشلار ياخشى ئىشلەندى، ھەربىر تۈرلۈك تەدبىر نىشانلىق، دەل جايىدا بولدى، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى، ئەنئەنىۋى تېببىي دورا سىستېمىسى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى، داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى؛ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۇز ئىستېمالىنى ئازايتىش، ياغ ئىستېمالىنى ئازايتىش، شېكەر ئىستېمالىنى ئازايتىشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق غىزالىنىش، قانۇنىيەتلىك چېنىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، كېسەللىك كۆرۈلۈشنىڭ ئىلمىي ئالدى ئېلىندى؛ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ئارقىلىق شەھەر ـ يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى پاكىزلاش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولۇندى... تەدبىر ئېنىق، يولغا قويۇلۇشى ئۈنۈملۈك بولۇپ، ھەربىر تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتتى، جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتىنى جۇلالاندۇردى.

تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى جانلىق ئۇقتۇردىكى، ساغلاملىق ھەم تەرەققىياتنىڭ نىشانى، ھەم تەرەققىياتنىڭ تىرىكى.

يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇم خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە مۇھىم ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىدىكى نوپۇسى كۆپ دۆلەتنىڭ يۇقۇمنىڭ كەڭ تارقىلىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈش مۆجىزىسىنى ياراتتى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مەۋقە دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇلۇپ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مەنپەئەت يەتكۈزۈش دائىرىسى كەڭ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇلۇپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ ۋە بايلىق مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر قوللىنىلىپ كۈچەپ تۈرتكە بولۇندى.

دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر، ئاچقۇچلۇق مەيدانغا مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىدىكى مۇھىم ئۇسۇل.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «كىچىك كۆزەينەكلىكلەر» مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز ئوقۇغۇچىلىرىدا يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالى كۆپ يۈزبېرىش، يېشى كىچىكلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، بۇ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە، جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بۇ يۈزلىنىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، بالىلار، ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سىجىل كۈچەيتىلدى، 2021 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە، دۆلىتىمىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىدە «ئۇدا بەش يىل يىلمۇيىل تۆۋەنلەش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2025 ـ يىلى %49.9كە تۆۋەنلەپ، 2018 ـ يىلىدىكىدىن جەمئىي 3.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەي ـ شىزاڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا ئېگىزلىك كېسىلى سەۋەبىدىن بىرمۇ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتمىگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: «نۇقتىلىق خىزمەتلەر جايىدا ئىشلەنسە، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ.»

بىر قاتار قاتتىق يادرولۇق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچلىرى ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق سەۋىيەسىنىڭ ھالقىما يۈكسەلگەنلىكىنى بىۋاسىتە دەلىللىدى: 2025 ـ يىلى، دۆلىتىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى ئۇزىراپ 79.25 ياشقا يەتتى، ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك ۋە نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا مۇقىم تۇردى؛ بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ ‰3.8كە چۈشتى، ھامىلىدارلار ـ تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ 100 مىڭ / 13.4كە چۈشۈپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئانا ـ بالىلار ساغلاملىقى بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى؛ ئېغىر سوزۇلما كېسەللىك سەۋەبىدىن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ %13.8كە چۈشتى؛ بەزگەك كېسىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگىتىلدى، دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىدە تارقىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى، ئەيدىز كېسىلى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە يەرلىك كېسەللىكلەر ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، قىزىل، B تىپلىق تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى، تارقىلىشچان مېڭە ـ يۇلۇن پەردە ياللۇغى قاتارلىق ۋاكسىنىلار ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تارىختىكى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى؛ ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ساپاسى سەۋىيەسى ئۆسۈپ %33.69كە يەتتى.

نۇقتىلىق ساھەلەردە مەخسۇس تۈردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تىپىدىكى ساغلاملىق مۇلازىمىتى پۈتۈن رايوننى قاپلاشقىچە، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش

جياڭسۇ ئۆلكىسى جېنجياڭ شەھىرىنىڭ شىيې بازىرى چاڭجياڭ دەرياسىدىكى بىر كىچىك ئارال. بازارلىق دوختۇرخانىغا نۇرغۇن زامانىۋىلاشقان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سەپلىنىپلا قالماي، يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ دوختۇرلىرى قەرەللىك كېسەل كۆرىدۇ، ئاھالىلەر ئارالدىن چىقمايلا مۇتەخەسسىسلەر نومۇرى ئېلىپ كېسەل كۆرسىتەلەيدۇ.

«داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش بايلىقىنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ـ يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولاي، ئەرزان بولغان ئاممىۋى سەھىيە ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.» 2014 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ، يېزىلارنىڭ داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنىڭ تـۈپ قىممەت ئىنتىلىشى. يـولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتىكى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلىرىنى باشتىن ـ ئاخىر چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلىدى. باش شۇجىنىڭ قەدەم ئىزلىرى يېزا ـ كەنت ئاساسىي قاتلام داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش بىرىنچى سېپىنى قاپلىدى، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا قارىتا دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلدى:

2017 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، سەنشىنىڭ كېلەن ناھىيەسى جاۋجياۋا كەنتىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى يوقلىغاندا، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛

2020 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، شەنشىنىڭ پىڭلى ناھىيەسى لاۋشيەن بازارلىق مەركىزىي دوختۇرخانىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «يېزا ـ كەنتلەردە داۋالاش بايلىقى كەمچىل، يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشقا تايىنىپ داۋالاش بايلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنى ئىشىك ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛

2022 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، سىچۇەننىڭ مېيشەن شەھىرى يۇڭفېڭ كەنتىدە كەنت سەھىيە پونكىتىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «يۇرتداشلار كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان بولغاندىن كېيىن، ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى دەل داۋالاش ۋە تېببىي دورا مەسىلىسى» دەپ تەكىتلىدى؛

...

كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىللىقلىققا تولغان مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، ئېنىق، روشەن خىزمەت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى: جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلغان تۈپ مەيداندا پۇختا، مەزمۇت تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك.

دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىشتىن داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى، ئاقىل داۋالاشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغىچە، يەنە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىلغار داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى تىپىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ كېڭەيتىشكىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن جەريانغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، تۈرمۇتۈر ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

سىستېمىلىق ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات ئارقىلىق، فۇجيەن سەنمىڭ رايونى دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىش دەرىجىسىنى سىجىل ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پىشىپ يېتىلگەن ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتە كۆپەيتىپ كېڭەيتتى.

2021 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرى شاشيەن ناھىيەلىك باش دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ بىر خىل دادىل باشلامچى بولۇش روھى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدىكى ئاڭلىق مەسئۇلىيەتچانلىق.»

«ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقنى قىلچە تەۋرەنمەي داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش ئىشلىرى بايرىقىغا پۈتۈش كېرەك، پۈتۈنلەي بازارلاشتۇرۇش، تاۋارلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا بولمايدۇ» «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋالاش، تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىلدى.

بۇ، دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگو لايىھەسى −

دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىنى بېقىش مېخانىزمىنى بۇزۇپ تاشلاشتىن زامانىۋى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش يېڭى مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشقىچە؛ دورا ۋە تېببىي خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك تۈركۈملەپ سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇشتىن داۋالاش مۇلازىمىتى باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە؛ دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش تۈزۈمىنى ئالغا سىلجىتىشتىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە؛ دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكىچە... داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ماس تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ۋە ئىدارە قىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ساقلىق ساقلاش چىقىمىنىڭ ساقلىق ساقلاش ئومۇمىي خىراجىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىپ %27.1كە چۈشۈرۈلدى؛ «ئېغىر كېسەللەرنى ئۆلكىدىلا داۋالاش، ئادەتتىكى كېسەللەرنى شەھەر، ناھىيەلەردىلا داۋالاش، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى ئاساسىي قاتلامدىلا داۋالاش» تېز ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە دۆلەتنىڭ رايون داۋالاش مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشىدىن 125ىگە مەدەت بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە %75 تۈر دوختۇرخانىسى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى نىسبەتەن ئاجىز رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2199 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە ھازىر زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلۇپ، ناھىيە ۋە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ %90تىن ئارتۇق ئاھالە 15 مىنۇت ئىچىدە يېقىن ئەتراپتا قولاي بولغان داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدىغان بولدى، نوپۇسى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى قان تازىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بولدى، 2 ـ، 3 ـ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلىرىنىڭ ھەممىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بولدى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش مىقدارىنىڭ مەملىكەت بويىچە دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن يۇقىرى بولۇش ساقلاندى. ئاساسىي قاتلام داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭيى تېبابەتخانىسى 42 مىڭ 200گە يەتتى، %80 يېزا ـ بازارلىق دوختۇرخانا ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى جۇڭيى تېبابىتىگە ماس كېلىدىغان تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساغلاملىق باشقۇرۇش بويىچە پۈتۈن زەنجىرلىك جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇردى.

ئىختىساسلىقلار − ئاچقۇچ، قوشۇن − ئۇل. باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن ـ ئاخىر كەڭ سەھىيە ـ ساغلاملىق خىزمەتچىلىرىگە رىشتە باغلاپ، ئۇلارنىڭ «ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، چەكسىز مېھىر ـ مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان» ئالىيجاناب روھىنى تەرىپلىدى، «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى.

ھەر يىلى 8 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى «جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى» قىلىپ تەسىس قىلىندى؛ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىش ھەققى تەقسىماتىدا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىش ھەققى تەقسىماتى قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كىلىنىكا بىرىنچى سېپىگە، قىس ئىش ئورۇنلىرىغا مايىللاشتۇرۇلدى؛ «ناھىيە باشقۇرۇپ يېزا ئىشلىتىش، يېزا تەكلىپ قىلىپ كەنت ئىشلىتىش» ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام كەنت دوختۇرلىرى تۇرۇپ قېلىش، ئىستىقبالى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى؛ يېزىلار ئۈچۈن تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى زاكازلىق، نىشانلىق، ھەقسىز يېتىشتۈرۈش پىلانى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېزا ـ كەنت دوختۇرلىرى مەخسۇس تۈر پىلانى، ئاممىۋى سەھىيە بويىچە يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرى، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى خاس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى... ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مۇنبەت تۇپرىقى بەرپا قىلىپ، دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەش، سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش كەيپىياتىنى يېتىلدۈردى.

بۇ، بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىقىنى قوغداش −

«تىرىشىپ ياشانغانلارنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈشىگە تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش»تىن بالىلارنىڭ سەمرىپ كېتىشى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىچە، يەنە «بالىلار، بولۇپمۇ يېتىم بالىلار ۋە مېيىپ بالىلارغا پۈتكۈل جەمئىيەت مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، ئورتاق تىرىشىپ ئۇلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش»قىچە، ساغلام جۇڭگودا بۇلارنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

«ھەربىر ئادەم ئۆز ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى». ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن جەمئىيەت، شەخسنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى، ھەممە كىشى قاتنىشىش، ھەممە كىشى تولۇق كۈچ چىقىرىش، ھەممە كىشى بەھرىلىنىش ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى، ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ساغلاملىققا ئىنتىلىدىغان، ساغلاملىقنى قوغدايدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى شەكىللەنمەكتە.

ئەمەلىي ئىشلەپ ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئاتلىنىش

2035 ـ يىلىغا نەزەر سالغاندا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇيغۇنلاشقان سەھىيە ـ ساغلاملىق سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ.

«15 ـ بەش يىل» مەزگىلى ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان، 2035 ـ يىللىق كەلگۈسى نىشاننى جىپسىلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

باسقۇچلۇق تەرەققىيات ۋەزىپىسى نىشانلىنىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ئارقىلىق ئالدىن يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. «خەلق ساغلاملىقىنىڭ ‹15- بەش يىل›لىق يىرىك پىلانى»دا بارلىق كىشىلەرگە ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر چىڭ كۆزلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەرەققىيات يول خەرىتىسى ئېنىق سىزىپ بېرىلدى.

ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارغا دەل جايىدا كۈچەپ، ئاچقۇچلۇق ھالقا چىڭ تۇتۇلۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدۇ. دۆلىتىمىز ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق يېتەكچىلىكىدىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، روھىي ساغلاملىق مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈشتىن بۇرۇنقى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە قان كاپالىتى ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ سىجىل، سىستېمىلىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن تارقالغان، تاسادىپىي يۈزبەرگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ جىددىي ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش زاپىسىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

تەرەققىياتتىكى توسۇق نۇقتىلارنى تۈگىتىشتە ھەم تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىغا تايىنىپ سىجىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ھەم پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئاچقۇچلۇق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

«پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بويىچە رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «شارائىتى بار جايلار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ»... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمىنى بويلاپ، 2026 ـ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بىيوتېببىي دورا تۇنجى قېتىم يېڭىدىن گۈللەنگەن تۈۋرۈك كەسىپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىز 38 خىل ئىجادىي دورىنى بازارغا سېلىشنى تەستىقلىدى، «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئىجادىي دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو دورىلىرى، جۇڭگو داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، جۇڭگو ۋاكسىنىلىرى، جۇڭگو داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرى، جۇڭگو دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش لايىھەلىرى تۈركۈملەپ مەيدانغا كەلمەكتە، بىر قاتار سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلار ساغلام جۇڭگونىڭ «پەن ـ تېخنىكا تەركىبى»نى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.

جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىل ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن تېببىي گۆھەر، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ـ ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىچە تەركىبىي قىسمى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق مۇھىم يوليورۇق بەردى: جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى خەزىنىسىدىكى جەۋھەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك.

مەۋقەنى «15 ـ بەش يىل»غا قويۇپ، دۆلىتىمىز «جۇڭخۇا تېبابىتى خەزىنىسى»نى تۈزۈش، نەشر قىلىش، جۇڭيى تېبابىتى قەدىمىي كىتابلىرىدىكى دەسلەپكى ئىجادىيەت نەزەرىيەسىنى رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ قېزىش ۋە قوللىنىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى ۋارىسلىق قىلىش خىزمەت ئىشخانىسى، جۇڭيى دورىلىرىنى ياساش تېخنىكىسىغا ۋارىسلىق قىلىش بازىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى ـ دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، «يېڭى دەۋردىكى شېننۇڭ ئوت ـ چۆپلەرنى تېتىپ بېقىش» ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ، ساغلام جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى بويىچە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويىدۇ، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكىنىڭ خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش، بولۇپمۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ جۇڭخۇا گۆھىرىنى يېڭى دەۋردە يېپيېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، دۇنياۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى خىرىسى ئارقا ـ ئارقىدىن يۈزبېرىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز باشتىن ـ ئاخىر ھەققانىيەت يولىدا تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، مېھىر ـ مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان كەڭ قورساقلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى سەھىيەنى ئىدارە قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتى. جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە پىشقان داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش ئەمەلىيىتىگە تايىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» سەھىيە ـ ساغلاملىق ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى 190 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كىردى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز 59 دۆلەت (رايون)كە چەت ئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتتى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن شۇ جايدىكى ئاغرىقلارغا نەچچە مىليون ئادەم قېتىم مۇلازىمەت قىلدى ھەم بۇ سان يىلسېرى كۆپەيدى. بۇنىڭدىن باشقا، 43 دۆلەت (رايون)تىكى 49 دوختۇرخانا بىلەن نىشانلىق دوختۇرخانا ھەمكارلىقى مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، 29 كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇپ، نەچچە يۈز تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىنى قانات يايدۇردى؛ 20 دۆلەتتە «مىكرو زەخىم تېببىي ئىلىم» پىلانىنى يولغا قويدى، «يورۇقلۇق ھەرىكىتى» «ئاياللار ـ بالىلار ساغلاملىقى قۇرۇلۇشى» قاتارلىق «ئاددىي ھەم گۈزەل» تۈرلەر 50تىن ئارتۇق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت (رايون)نى قاپلىدى، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى مەملىكەت سىرتى مەركىزىدىن 30نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇردى. ئەۋلادمۇئەۋلاد چەت ئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تاغ ـ دەريالاردىن ھالقىپ، جۇڭگو تېخنىكىسى، جۇڭگو تەجرىبىسى، جۇڭگو ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.

چىڭخاۋسۇنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئاغرىقلارغا بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن چەت ئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنى تۇرۇشقا ئەۋەتىش، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى مەملىكەت سىرتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشقىچە، يەنە ئېبولا يۇقۇمىغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشقىچە، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىگە تايىنىپ، دۆلىتىمىز سىجىل تۈردە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ھالقىغان ئاممىۋى سەھىيە خەۋپ ـ خەتىرىگە قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ـ ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا جۇڭگو كۈچىنى قوشتى.

ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتىدىغان غەيرەت ۋە ئاساسنى پۇختىلايدىغان ئىرادىگە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىمىز. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە نوپۇس ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز ئاھالىسىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ساغلاملىق ئېھتىياجى سىجىل قوزغىتىلدى، يېڭىدىن تارقىلىش، تۇيۇقسىز يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىش خەۋپى باشتىن ـ ئاخىر مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، شەھەر ـ يېزا رايونلىرىنىڭ سەھىيە بايلىقى پەرقى، ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن سوزۇلما كېسەللىكتىن ئىبارەت قوش بېسىم، ئاساسىي قاتلامدا ئىختىساسلىقلار ئۇزاققىچە كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار يەنىلا جەزمەن بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە تېگىشلىك رېئال ئىمتىھان سوئالى.

«ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىدە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، بەزى كونكرېت سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بويلاپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى قەدىمى بارغانسېرى پۇختا، مەزمۇت تاشلاندى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ساغلاملىق بەخت ـ سائادىتىنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە تىرەك بولۇندى، ئالدىمىزدىكى يول داغدام، كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار.

(مۇخبىرلار ۋۇ جىڭ، دۇڭ رۇيفېڭ، پېڭ يۈنجيا، لى خېڭ، گۇ تيەنچېڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

责任编辑:阿依谢姆·约麦尔